باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ قول- پۇت-ئېغىزغا ئەسۋە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

2018.05.07 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلى 5-ئاي كىرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردا قول-پۇت- ئېغىزغا ئەسۋە چىقىش كېسىلى قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى ۋاكسىنا ئەملەش قول- پۇت-ئېغىز كېسىلىنىڭ ئېغىرلاش ئالامىتى ۋە ئۆلۈم يۈز بېرىشنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش ھەم قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، دېدى.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 20 نەچچە خىل ئۈچەي يولى ۋىرۇسى قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى پەيدا قىلالايدىكەن، ئۈچەي يولى ۋىرۇسى 71 تىپلىق (EV71) ئەڭ ئاساسلىق تىپ ئايرىمىسى ئىكەن. قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى ئادەتتە 5-ئايدىن 7-ئايغىچە بولىدىكەن، كېسەللىك ئالامىتى قول، پۇت ۋە كاسسا قىسمىدا داغلىق دۆڭچە ئەسۋە، قاپارتما پەيدا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  گەنسۇ ئۆلكىلىك كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلانى ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ شۇمىڭ مۇنداق دېدى: قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىگە قارىتا تېخى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى دورا يوق، كېيىنكى مەزگىلدە پەقەت كېسەلگە قاراپ داۋالاشقا بولىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش قول- پۇت- ئېغىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

  مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز بازىرىدا پەقەت EV71گە بولغان يەككە باھالىق ۋاكسىنا بار بولۇپ، 2016-يىلى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، EV71گە مۇناسىۋەتلىك بولغان قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكى ۋە EV71 بىلەن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالماقتا. بۇ ۋاكسىنا گەرچە بارلىق قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالمىسىمۇ، لېكىن قول-پۇت-ئېغىز كېسەللىكىنىڭ ئېغىر ئالامىتى ۋە ئۆلۈم يۈز بېرىشنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ.

  جاڭ شۇمىڭ مۇنداق دېدى: EV71 ۋاكسىنا ئەملىنىدىغان بالىلارنىڭ يېشى ئالتە ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولۇپ، 12 ئايلىقتىن بۇرۇن ئەملەشكە ئىلھام بېرىلىدۇ، بىر ياشتىن ئاشقان بالىلارغا قانچە بالدۇر ئەملەنسە شۇنچە ياخشى. «بالىلار قىزىپ قالغان ياكى باشقا بىر قەدەر ئېغىر جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا، ئەملەش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ».

  مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بۇ ۋاكسىنا تېخى ئىككىنچى تۈردىكى ۋاكسىنىلار بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار «ئۆزى چىقىم قىلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەملىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، شۇ جايدىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلاردا ئەملەتسە بولىدۇ، كونكرېت ئىشلارنى شۇ جايدىكى ئالدىنى ئېلىش، ئەملەش ئامبۇلاتورىيەلىرى ياكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر