باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر

2018.03.28 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن 2018-يىللىق ئۆز ئالدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن پەن ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پەردىسى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى. بۇ يىل، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇلتۇر شاڭخەي، جېجياڭ ئىككى جاينىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇقىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 17 ئۆلكە يېڭى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى؛ بۇ يىل «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشى جىددىي قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، يېڭى دەۋردە يېڭى نىشانلارغا يۈزلىنىپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا قانداق ئورۇندا تۇرىدۇ؟ جۇڭگونىڭ «قوش ئەلا» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ يىل ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟ قانداق سىگناللار بېرىلدى؟ قانداق سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە يېتەكچىلىك رولى بار؟ تەپسىلىي رەتلەپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ لوگىكىلىق زەنجىرىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدىم.

  سىياسەت ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، سىناق يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئېلىنىدۇ

  27-مارتقىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» تور پونكىتى 2018-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە 90 ئالىي مەكتەپنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 77 ئالىي مەكتەپ پۈتۈن مەملىكەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، 13 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئۆلكە، شەھىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

  ئۇقۇشۇمچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئۆتكەن يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ئادەتتىكى تۈر ۋە مېدىتسىنا تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. ئادەتتىكى تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەردىن تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپى/ ئىجتىمائىي پەن تەجرىبە سىنىپى تۈرى، ماتېماتىكا تۈرى، فىزىكا ئىلىمى تۈرى، ئاسترونومىيە قاتارلىقلار باركەن؛ مېدىتسىنا تۈرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەردىن كىلىنىكا مېدىتسىناسى(سەككىز يىللىق، تولۇق كۇرستىن دوكتورلۇققىچە ئۇلاپ ئوقۇش)، كىلىنىكا مېدىتسىناسى(بەش يىللىق)، ئاساسىي مېدىتسىنا(سەككىز يىللىق، تولۇق كۇرستىن دوكتورلۇققىچە ئۇلاپ ئوقۇش) قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  2017-يىلىدىن باشلاپ چوڭ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسپىي پەن تۈرى تەبىئىي پەن تۈرى، ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، بىناكارلىق تۈرى، قۇرۇلۇش ئىشلىرى تۈرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تۈرى، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئومۇمىي تۈرى، ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرى قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى(يۆنىلىشى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرى(كۇڭزىچى كىلاسسىكشۇناسلىق يۆنىلىشى)نىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن سىستېمىلىق «مەرىپەت ئىلمى» تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى، « ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى»، «فامىلە قامۇسى»نى يادلىيالىشى؛ بىر قەدەر ياخشى بولغان كۇڭزىچى كىلاسسىكشۇناسلىق ئاساسى بولۇشى، تۆت كىتاب («ئۇلۇغ تەلىمات»، «ماداراچىلىق»، «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «مېڭزى» ناملىق تۆت كىتاب) ۋە «پالنامە» «بەشنامە»نىڭ بىرىنى يادلىيالىشى؛ دەسلەپكى يېزىقشۇناسلىق ئاساسى بولۇشى، «سۆز-خەتلەر ئىزاھاتى»نى ئۆگىنىپ باققان بولۇشى، جۇەنشۇ يېزىقىدا 540 پارچە شېئىرنى يادقا يازالىشى، «ئالتە خىل نىزام» نى ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرەلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر