باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇسا ھارۇن مۇنداق بىلدۈردى:

ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە قارشى تەرەپنىڭ سۇرىيە ئاسمىنىدىكى ھەربىي ئايروپىلانىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە «بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ»

2018.05.07 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇسا ھارۇن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە قارشى تەرەپنىڭ سۇرىيە ئاسمىنىدىكى ھەربىي ئايروپىلانىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە «بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ».

  سۇرىيەدە 2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە 2015-يىلى 9-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ سۇرىيە زېمىنىدا ئۆزئارا زەخىم يەتكۈزۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مېخانىزم تۈزدى. رۇسىيە تەرەپ ئىشلىتىۋاتقان سۇرىيە ھەممامىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئىسرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىف ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى ئوتتۇرىسىدا «قىزىق لىنىيە» قۇرۇلدى. شۇ ئايدا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە ھەربىي قىسىم ئەۋەتىپ، سۇرىيە زېمىنىغا كىردى.

  ھارۇن مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ قىزىق لىنىيەدە رۇس تىلىدا پاراڭلىشىشى سەۋەبلىك، بىر مەيدان «ئېغىر ئۇقۇشماسلىق» كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. قىزىق لىنىيە ئېچىلىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، بىر رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى ئۇقۇشماي ئىسرائىلىيە كونتروللىقىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغىلى ئاز قالدى، ناۋادا سۇرىيە ئايروپىلانى بولغان بولسا، بىز ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتەتتۇق، ئۇنىڭ رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تەرەپ قىزىق لىنىيە ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.

  ھارۇن يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيەگە سۇرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىكى ھەرىكىتىدە بىر-بىرىنى ماسلاشتۇرۇش كەتمەيدۇ، چۈنكى ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى تونۇيدۇ، بىز سۇرىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە رۇسىيەنىڭ سۇ-24 تىپلىق ئايروپىلانىنى پەرق ئېتەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر