خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەيداندىكى پېشقەدەم ھەربىي يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلاردىن بايراملىق سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.
جەڭ ناخشىسى ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇدى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچنى مۇجەسسەملىدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چوشقا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگو بەرپا قىلىش، قوغداش، قۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى پېشقەدەم كادىرلار جۇڭگو تىياتىرخانىسىغا جەم بولۇپ، چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا نامايان قىلىنغان يېڭى كەيپىيات، يېڭى ۋەزىيەت، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى