باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  سۈن جىنلۇڭ بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2019.01.24 11:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۈي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشتا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بولغان، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تۈزۈپ چىقىلغان يول خەرىتىسى، ۋەزىپەنامە ئېنىق، توغرا، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تۈپ ماھارىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىڭتۈەنگە قاراشلىق رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەت»لىك فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈەنچاڭلارنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر ئارىلىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، «ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى»لىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر