باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى مەھەللىلەر يانداشما بالىلار باغچىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىلىرىنى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىپ ياكى ھاۋالە قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىشقا بولمايدۇ

2019.01.23 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەھەر- بازارلاردا مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شەھەر-بازار جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشچان بايلىق مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان يەسلى مائارىپى جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىلىرىنى پىلانلاش، بەرپا قىلىش، تاپشۇرۇش، باغچا قۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بازارلاردىكى ئولتۇراق رايونلىرى ئىچىدە، ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە قائىدە بويىچە يۈرۈشلۈك يەسلى پىلانلانمىغان ياكى پىلان يېتەرلىك بولمىغان رايونلار ۋە ياكى مۇكەممەل پىلان بولغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇلۇش جايىدا ئەمەلىيلەشتۇرۇلمىگەن رايونلار چوقۇم تولۇقلاپ قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ياكى يېقىن ئەتراپتا يېڭىدىن قۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئولتۇراق رايونلار ئىچىدىكى پۈتۈپ بولغان يەسلىلەر تېخى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن بولسا، چوقۇم بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم، باشقا تەرەپلەرگە ۋە باشقا ئىشلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن يەسلىلەرنى چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قايتۇرۇۋېلىپ، يەنىلا يەسلى قىلىپ ئىشلىتىش كېرەك. ئولتۇراق رايونلار ئىچىدىكى يۈرۈشلۈك يەسلىلەر چوقۇم شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ ئىشلىتىلىشى ياكى ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ ئىشلىتىلىشى ھەمدە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى يەسلى قىلىنماسلىقى كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا، يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە قارىتا، ئېنىق بولغان ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر