باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ھەمدە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك

2019.01.22 15:04   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ھەمدە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ "تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىش" مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 21- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى ۋە ئېلىمىز ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقىدا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەتكە قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ۋە زور خەۋپ ـ خەتەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى ۋە خەن جېڭ قاتارلىقلار مەزكۇر كۇرسنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ، پۈتۈن پارتىيەدە «تۆت ئاڭ»، «تۆت ئىشەنچ» ۋە «ئىككى قوغداش» كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتىدە پائال تۈردە ساغلام ئالغا ئىلگىرىلەش بولدى، ئىقتىسادمۇ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قالدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە، سىياسىي ساھە، ئىدېئولوگىيە، ئىقتىسادىي ساھە، پەن-تېخنىكا، جەمئىيەت، تاشقى مۇھىت ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر ۋە زور خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۈستىدە چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر بولۇۋاتقان ئەتراپتىكى مۇھىتلار، مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىسلاھاتلار، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىپىسى قاتارلىقلار ئالدىدا، بىز چوقۇم باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. يەنى، بىز بىر تەرەپتىن «قارا ئاققۇ» ۋەقەسىگە بولغان يۈكسەك ھوشيارلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەسىنىڭ ئالدىنىمۇ ئېلىشىمىز كېرەك؛ بىزدە خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ماھىرلار بولۇشى كېرەك،ھەم خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان ۋە ئۇنى پەسەيتەلەيدىغان يۈكسەك ماھارەتمۇ بولۇشى كېرەك؛ بىز بىر تەرەپتىن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتا تەييارلىقى بولغان جەڭنىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، يەنەبىر تەرەپتىن خەۋپ-خەتەرنى يېڭىدىغان ۋە ئۇنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھالدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…