خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-چېسلا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باۋ فېڭيۈ: «بۇ سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئاساسلىق قىلىپ ‹تۆتنى كېڭەيتىش›، ‹ئۈچنى كۈچەيتىش›كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ»، دېدى.
باۋ فېڭيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆتنى كېڭەيتىش» مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچى، ئورۇنلاشقان جاي شەرتى كېڭەيتىلىدۇ. ئىككىنچى، شى دەرىجىلىك ۋەزىپە ياكى ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كادىرلارغا قارىتا، كەسىپ ئالماشتۇرۇش يېشى 50 ياشتىن 53 ياشقا كېڭەيتىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاپ ئورۇنلىشىشنى تاللىغانلارغا قارىتا، يىڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى، شى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بولۇشتەك ۋەزىپە دەرىجىسى تەلىپى ئەمدى شى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بارلىق كادىرلارغا كېڭەيتىلىدۇ؛ ھەربىي ئىستاژ يىل چەكلىمىسى 20 يىلدىن 18 يىلغا كېڭەيتىلىدۇ. تۆتىنچى، جاپالىق، چەت ياقا رايونلار ۋە ئالاھىدە ئىش ئورنىدا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقىنىغا ئون يىل توشقان ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى، ئۆز يۇرتىغا، ھەربىي سەپكە قاتناشقان جايغا ياكى جورىسىنىڭ دائىملىق نوپۇسى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە بېرىپ ئۇرۇنلاشسا بولىدۇ.
«ئۈچنى كۈچەيتىش» مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچى، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنىڭ ئىشتاتىنى قوبۇل قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، كەسپى توغرا كەلمەيدىغان ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقان كادىرلارنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ بىر يىللىق خىزمەتتىن ئايرىلىپ مائاشلىق تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئۈچىنچى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتقان مەزگىلدىكى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تۈزۈپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتقان مەزگىلدىكى سۇغۇرتىسى يوق بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، يېڭى دەۋردىكى سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالى شەكىللەنگەن بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى