باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتار ئەمىرى لىۋانغا بېرىپ ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنى قاتناشتى

2019.01.21 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار ئەمىرى دۆلەت باشلىقى شېيىخ تامىم بېن خاماد ئالىسانى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە قاتار ئەمىرى بۇلتۇر 12-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رېيادتا ئۆتكۈزۈلگەن 39-نۆۋەتلىك پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىنىلا يىغىنغا ئەۋەتكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا قاتارنى بۇ قېتىم يىغىنغا ئاكتىپ قاتناشتى دېيىشكە بولىدۇ.

  تەخمىنەن 20 دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى، مىسىر، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەردىن زۇڭلى ياكى باش ۋەزىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى مالىيە مىنىستىرى ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاشناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر