خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار «چىقتى، چىقتى! تورنى يىغىڭلار!»، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، باغراش كۆلىنىڭ قەھرىتان مۇز ئۈستىدە، تەتۈر جۇۋا ۋە ئۇزۇن قونچلۇق رېزىنكە ئۆتۈك كىيگەن بىر توپ بېلىقچىلارنىڭ ناھايىتى رەتلىك، رېتىملىق ھايت-ھۇيت قىلىپ تارتىشى بىلەن، چوڭ تور ئاستا-ئاستا يىغىۋېلىندى، چوڭ بېلىقلار بەس-بەس بىلەن سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقتى، باغراش كۆلىدىكى قىشلىق بېلىق تۇتۇشنىڭ بىرىنچى چوڭ تورىدا 2.5 توننىدىن ئارتۇق بېلىق تۇتۇلدى.
بۇ يىل، باغراش ناھىيەسى رايون ساياھىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئەۋزەل كەسىپ قىلىپ، رايون ئىچىدىكى بايلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىن جەمئىيەت ئورتاق بەھرىمەن بولدى. چوڭ مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ رايون ساياھىتى ھاياتىي كۈچىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى