خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2- دېكابىر دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2019- يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھانى شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە 900 دىن ئارتۇق ئىمتىھان نۇقتىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى، جەمئىي 920 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتناشتى.
ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار 14 مىڭ 500دىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا جەمئىي 1 مىليون 379 مىڭ 300 ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم ھەق تاپشۇرۇپ يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى جەزملەشتۈرۈلگەن، نەتىجىدە 920 مىڭ كىشى ئىمتىھانغا قاتناشقان بولۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش نىسبىتى %84.5غا يەتكەن، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئادەم سانى بىلەن قوبۇل قىلىش پىلان سانىنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 63:1 بولغان.
بۇ يىل، مەركەزنىڭ مەمۇرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئىمتىھان بىخەتەرلىكى ۋە ئىمتىھان مۇھىت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمتىھان ئىشلىرىنى تەشكىللەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىشنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ، سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىلى دۇرۇس ۋە كەيپىياتى توغرا بولغان ئىمتىھان مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ بەردى. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان ئىنتىزامىغا ئەستايىدىل رىئايە قىلدى، ئومۇمىي ئىمتىھان تەرتىپى ياخشى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى