باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى

2019.01.14 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى شەھەر قوشۇمچە مەركىزى خىزمىتى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇڭجۇ رايونلۇق پارتكوم ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئادرېسىدا، رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

  قوشۇمچە مەركەزنى پىلانلاپ قۇرۇپ ۋە باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەر قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارىمىقىدا ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى خىزمىتى كومىتېتى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتىدە، تۇڭجۇ رايونلۇق پارتكوم ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىدۇ. ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى خىزمىتى كومىتېتى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىنى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوشۇمچە مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىنى يېڭى دەۋردىكى شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ ۋە يېڭى دەۋردىكى ئېسىل شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر