باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4K سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى تېلېۋىزىيەنى 5G تورىدا يەتكۈزۈش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2019.01.14 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 36 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى بۇ يىل شېنجېن تارماق يىغىن مەيدانىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم 4K ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مەزمۇنىنىڭ 5G تورىدا يەتكۈزۈلۈشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  1-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، تۇنجى قېتىم 5G تورىنى 4K سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىتايىن يۇقىرى تېلېۋىزىيەدە تارقىتىش سىنىقىنى شېنجېندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شېن خەيشيوڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيجۇڭ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ خۇا ۋە ئالاقىدار كارخانا مەسئۇللىرى قاتارلىقلار 5G تورىدا 4K سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىتايىن يۇقىرى تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش سىنىقىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى يوللاش سىنىقى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5G تەجرىبە تورى ئارقىلىق، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى شېنجېن تارماق يىغىن مەيدانىنىڭ 4K ئىنتايىن يۇقىرى سۈزۈكلۈك دەرىجىسىدىكى سىگنالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بېيجىڭ كومپيۇتېر زالىغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باش ئىستانسىسىنىڭ 4K ئىنتايىن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بېيجىڭ مەنزىرە سىگنالىنى يوللاش شېنجېن تارماق يىغىن مەيدانىدىكى تارقىتىش ئاپتوموبىلىغا يەتكۈزۈپ، رېئال ۋاقىتلىق سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق 2019-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە 5G تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن تېخنىكىلىق دەلىللەش ۋە تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر