سۈرەتتە: شېنجېن ساقچى تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنى گۇاڭجۇ جەنۇبىي ۋوگزالىغا يالاپ ئېلىپ كەلدى (13- يانۋار تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شېنجېن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: خېبىي ۋە گۇاڭدۇڭ فوشەن ساقچىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشى ئارقىسىدا، شېنجېن ساقچى تەرەپ يېقىندا ئۆلكە ئاتلاپ «شاخلىتىپ سېتىش شەكلىدىكى» توردا دوست تۇتۇش ئالدامچىلىق شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت شايكىسى ئەزالىرىدىن 60 ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى ھەمدە 1-ئاينىڭ 13- كۈنى دېلوغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ ھەممىسى شېنجېنغا يالاپ ئېلىپ كېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى