باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىللىق مۇكاپات پۇلىنى ئايمۇ-ئايغا چېچىۋېتىپ باج ھېسابلاشقا بولىدۇ

2019.01.14 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، «ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت» ياكى «تىجارەت تاپاۋىتى»گە ئېرىشكەن باج تاپشۇرغۇچىلار، 5000 يۈەنلىك ئاساس چىقىرىۋېتىلىدىغان ھەقلەر ۋە «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» مەخسۇس چىقىرىۋېتىلىدىغان پۇللاردىن باشقا، يەنە شارائىت بويىچە پەرزەنت تەربىيەسى، داۋاملىق مائارىپ، ئېغىر كېسەلنى داۋالاش، تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈمى ياكى تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى ۋە ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  2019- يىلى تارقىتىلىدىغان يىللىق مۇكاپاتقا قارىتا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىغا ئايرىم باج ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، ئەكسىچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى ياكى باج يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسىلەن، ئەگەر پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى سىياسىتى ئايرىم قوللىنىلسا، باج نىسبىتى دەرىجىسىنى ئالماشتۇرغاندا، باج سېلىقى تۇيۇقسىز قوشۇلغان «كىرتىك نۇقتا» ئەھۋالى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، «شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (م ب [ 2018 ] 164- نومۇرلۇق)تا مۇنۇلار مەخسۇس بەلگىلەندى: ئاھالىلەر شەخسىي ئېرىشكەن پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىغا باج ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ، باج تاپشۇرغۇچىلار پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجىغا كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىكنى ئۆزى تاللايدۇ. ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ، تاپشۇرغۇچى ئورۇن مۇكاپات تارقاتقاندا، بۇلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج كېمەيتىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىشىگە قولايلىق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، باج تاپشۇرغۇچىلار ئېرىشكەن پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى شۇ يىلقى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋېتىلمىسىمۇ بولىدۇ، مۇكاپات پۇلىنىڭ تولۇق سوممىسى بىلەن 12 ئايلىق سوممىسىنى بۆلۈپ، ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتتىكى ئايلىق باج نىسبىتى جەدۋىلى بويىچە، تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاشتا چىقىرىۋېتىلىدىغان ساننى بېكىتىپ، ئايرىم ھېسابلاپ باج تاپشۇرىدۇ. بۇنىڭدا، بىر قىسىم باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنىڭ ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىنىڭ ئۆسىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان.

  قىسمەن ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر پۈتۈن يىللىق بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلىنى شۇ يىللىق مائاش ۋە ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىپ، ئاساسى چىقىرىۋېتىلىدىغان ھەق، مەخسۇس چىقىرىۋېتىلىدىغان پۇل ۋە مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان پۇل قاتارلىقلار تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، بەلكىم باج پۇلى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز بولىشى ياكى ئاز تاپشۇرۇشقا بولىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر