باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاكىم سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.01.14 17:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھاكىم مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق سۈرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىنى قوللايدۇ.

  ئۇ، شۇ كۈنى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا زىيارەتكە كەلگەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ سۈرىيەدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش، سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئىككى تەرەپ يەنە ئىراقنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىنى قوللاش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق.

  زەرىف مۇنداق دېدى: ئىران، ئىراق بىلەن بىرگە سۈرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، ھەمدە رايوندىكى تۈرلۈك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ. ئىران ئىراقنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر