باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.01.11 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئېچىلدى. يىغىندا بىر تۈركۈم كىچىك ئۇششاق كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى؛ يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس تۈرلۈك زايوم تارقىتىش ۋە ئۇنى ئوبدان ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئىستېمال دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرۈتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى ؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بېرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ نېسى قالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى تۈزەپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىل ئىقتىساد ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، بىرىنچى پەسىلنى مۇقىم باشلاش ئىنتايىن مۇھىم. كۆپلىگەن باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلىشىپ ئىش قىلىش كېرەك. كىچىك ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقىنى ياخشى قىلىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: كىچىك ئۇششاق كارخانىلارغا يېڭىدىن ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىش خاراكتېرلىك باج كېمەيتىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ. بىرىنچى، تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىدۇ؛ بۇ كارخانىلارنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئاشمىغان ۋە 1 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولغان قىسمىدىن ئايرىم-ئايرىم % 25 ۋە % 50 بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ھېسابلىنىپ، باج يۈكى % 5 ۋە % 10 تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى % 95 تىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى كارخانىغا چېتىلىدۇ، بۇلارنىڭ % 98 تى پۇقراۋى كارخانا. ئىككىنچى، ئاساسلىقى كىچىك ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە باشقا ئاز سوممىلىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە ئوستۈرىلىدۇ. ئۈچىنچى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدا كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن % 50 دائىرىسىدە بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، ماركا بېجى، شەھەر - بازارلاردا يەر ئىشلىتىش بېجى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى قاتارلىق يەرلىك باج ۋە مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى قاتارلىقلارىنى كېمەيتىپ ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، دەسلەپكى ئىجادىيەت پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشتا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ؛ يۆنىلىشىنى بۇ خىل كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەبلەغ سېلىشىغا قاراتقان كارخانىلار ۋە مەبلەغ سالغان شەخسلەر تېخىمۇ كۆپ باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بەشىنچى، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن پەيدا بولغان يەرلىك مالىيەدىكى يوچۇقنى تولدورۇش ئۈچۈن مەركەز مالىيىسى جايلارغا ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنى زوايتىدۇ. يۇقىرىقى باج كېمەيتىش سىياسىتىنى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى ۋاقتىنچە ئۈچ يىل بولىدۇ، ھەر يىلى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يۈكى يەنە تەخمىنەن 200 مىليارد يۈەن يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.

  يىغىندا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسىي قالدۇرۇش ئىشلىرىنى تۈزەش تەلەپ قىلىندى. جايلار ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈر كەلتۈرۈپ چىقارغان نېسى قالدۇرغان ئىش ھەققىنى ئالدىن تۆلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا قارىتا مۆھلەت ئىچىدە ھەل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ مۇددىتى ئۆتسىمۇ بەرمىسە قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر