خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئابدۇسالام پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا پىشقان نانلارنى تىزماقتا.
يېڭى سېختىكى نان يېقىۋاتقان سۈرەتلەرنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئابدۇسالامنىڭ ھەمراھلىرى ھەيران قالغان ھالدا: «ئابدۇسالام، بۇ راستلا نان ياقىدىغان يەرمۇ؟» دەپ سورىدى.
22 ياشلىق ئابدۇسالام شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى بىر كىچىككىنە ناۋايخانىدا ئىشلەيدىغان شاگىرت ئىدى. ئۇ ئەسلەپ: «بۇرۇن ھەر كۈنى سائەت يەتتىدە ئورۇندىن تۇرۇپ ئوت قالايتتۇق، تېمپېراتۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تونۇرنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ يۈرەتتۇق، كۈندە يۈزلىرىمىز، كىيىملىرىمىز قاپقارا بولۇپ كېتەتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆيمۇ قارىداپ كېتەتتى»، دېدى.
2018-يىلى، ئۈرۈمچىىدە نان مەدەنىيەت كەسپىي باغچا رايونى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئېكسكۇرسىيە بىر گەۋدە قىلىنىپ، 19 داڭلىق يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ئورۇنلىشىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان تونۇر ئىشلىتىلىپ، نان، قولدا تۈگۈلگەن جۇۋاۋا، پىروجنە، تونۇر كاۋىپى قاتارلىق ئۆزگىچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن 400دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ كېلىپ، بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.
ئابدۇسالام دەل بۇ قېتىم قۇبۇل قىلىنىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ناۋاي يىگىتتىن بىر كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندى، بۇ يەردە ئۇ ئاپپاق خىزمەت كىيىمى كىيىپ، توكلۇق تونۇردا پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ، ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشىدۇ، تاماقنى ئاشخانىدا يەپ، ياتاقتا تۇرىدۇ. بۇ يەردە، ئۇ ھەر ئايدا 3000 يۈەن ئىش ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە خەنزۇ تىلىنى ھەقسىز ئۆگىنەلەيدۇ.
ئابدۇسالام: «ئىلگىرى مەن ئىس- تۈتەك يوق، پاك- پاكىز زاۋۇتتا نان ياققىلى بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، مەن بۇ يەردە ياخشى ئىشلەپ كۆپرەك پۇل يىغىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى، توي قىلىپ بالىلىق بولۇشنى ئويلاۋاتىمەن»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى