باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ نەچچە ئون كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى

2019.01.14 17:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئاففانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قەندىھار ئۆلكىسى بىلەن غەربىدىكى ھېرات ئۆلكىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ساقچى ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم قازا قىلغان، 6 ئادەم يارىلانغان، ئۇندىن باشقا، يەنە ئون نەچچە قوراللىق خادىم ئېتىپ تاشلانغان. قەندىھار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئەزىز شۇ جايدىكى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: تالىبان قوراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى كەچتە بۇ ئۆلكىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، بەش ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىككى ساقچىنى يارىلاندۇردى. ئېتىشىشىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 7 خادىمى ئېتىپ تاشلاندى، ئالتە ئادىمى يارىلاندۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېرات ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە: بىر توپ قوراللىق خادىم مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە بۇ ئۆلكىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر