جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ھالدا بېيجىڭدا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئاچتى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى، خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2018-يىللىق دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خاربىن سانائەت داشۆسىدىن ئاكادېمىك ليۇ يۇڭتەنگە ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇلۇش داشۆسىدىن ئاكادېمىك چيەن چىخۇغا مېدال ۋە گۇۋاھنامىلەر تارقىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارنى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋەكىللەرگە گۇۋاھنامىلەرنى تارقىتىپ بەردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق زاتلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى