باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پارلاق يول» پىروگراممىسىدا پارلىغان يېڭى يۇلتۇز

2019.01.08 16:54   مەنبە: خەلق تورى

«پارلاق يول» پىروگراممىسىدا پارلىغان يېڭى يۇلتۇز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-قانىلىدا، «پارلاق يول» پىروگراممىسىنىڭ 2018-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 3-مەيدان تارماق مۇسابىقىسىدە ئورۇنلانغان جىڭجۈ تىياتىرىدىن ئارىيە ھەممىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى. باھالىغۇچىلار باشلىرىنى لىڭشىتىپ «قىزىل چىراغدىن ئارىيە»نى تەڭ غىڭشىپ ئېيتسا، يەنە بەزى تاماشىبىنلار جىڭجۈ تىياتىرى بىلەن شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن چىققان مۇڭلۇق كۈيگە، بۇ مۇڭلۇق كۈيگە جور بولۇپ ئاھاڭ ۋە پۇرىقىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاۋاتقان ئۇيغۇر قىزىغا ھەقىقەتەن ھەيران قىلىشتى.

  «پارلاق يول» پىروگراممىسىنىڭ 2018-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى چولپان يۇنۇس قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ «يىللىق چېمپىيون» بولۇپ، ھەر مىللەت ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  چولپان يۇنۇس بىر نەچچە يىل بۇرۇن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يىپەك يولى ساداسى»، «تالانت سەھنىسى»دە سەنئەت جەھەتتىكى «بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر» قابىلىيىتى بىلەن ھەر خىل ئۇسلۇبتا نومۇر ئورۇنلاپ، دوراش ۋە سەنئەت قابىلىيىتى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، بۇ قېتىم مەملىكەت سەھنىسىدە دۆلەت گۆھىرى جىڭجۈ تىياتىرىدىن ئارىيەلەرنى ھەم چەت ئەلنىڭ داڭلىق ناخشىلىرى، قومۇل 12 مۇقامى ۋە شىنجاڭنىڭ نادىر ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، مەملىكەت خەلقىنى قايىل قىلدى.

  «مەيدانغا چىقىش» ھالقىسىدا، چولپان ئاممىباب ناخشا «ماياك»نى ئېيتىپ، مەيدانغا چىقىپلا باشقا ماھىرلارنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. «سەنئەت تالانتىنى كۆرسىتىش» ھالقىسىدا، چولپان جىڭجۈ تىياتىرى چاتما ناخشىسى «قىزىل چىراغ خاتىرىسى»دىن ئارىيە «تاغىلىرىم ساناقسىز»، «يۈتاڭ باھارى»دىن ئارىيە «سۇسەن خۇڭدۇڭ ناھىيەسىدىن ئايرىلدى»، «ۋېيخۇشەن تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش»تىن ئارىيە «بۈگۈن غەلىبىنى تەبرىكلەش شارابىنى قانغۇچە ئىچەيلى»نى ئورۇنلىدى. «يۇرتىمىز گۈزەل» ھالقىسىدا، چولپان يونۇس قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ياردەمچى ئارتىسلارنىڭ قومۇل 12 مۇقامىنى تەڭكەش قىلىشى بىلەن، يېقىملىق ئۇيغۇرچە ناخشا «گۈزەل قومۇل»نى ئورۇنلىدى، سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشىدە قومۇلنىڭ ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. «ئارزۇدىن ھالقىش» ھالقىسىدا، چولپان يۇنۇس كومپوزىتور خۇ تىڭجاڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن «مەخسۇس ئىشلەپ بەرگەن» ئىجادىي ناخشا «ئاي شولىسى تامغا چۈشكەندە»نى ئورۇنلىدى. چولپان بۇ ناخشىنى تۇنجى ئورۇنلىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۇنىڭ سۈزۈك ئاۋازى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۈيلەش ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىدى. چولپان يۇنۇس 2018-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ھەپتىلىك چېمپىيونلۇقتىن ئايلىق چېمپىيونلۇققىچە، يەنە يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغىچە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋازى بىلەن كۆپ مەنبە گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان چولپان يۇنۇس 1995-يىلى شىنجاڭ بالىلار پىداگوكىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 2006-يىلى شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىگە كېلىپ ناخشا فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى. ئوقۇش جەريانىدا خېلىل مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللىي ئۇسلۇب بىلەن ياۋروپا ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر سەھىپىگە قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ئويۇشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەت، مۇسابىقىلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، مۇشۇ جەرياندا پىشىپ يېتىلدى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىدى. 2008-يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتىپ، 2009-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «قىزىل ناخشا ئېيتىش» مۇسابىقىسىغا شىنجاڭ بويىچە 1-بولۇپ تاللىنىپ، مەملىكەت بويىچە «بەش كۈچلۈك ماھىر»نىڭ بىرسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. مۇشۇ نەتىجىسى بىلەن ئۇ قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىشتىن سىرتقى يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، كۆپ قېتىم تەكلىپ بىلەن قومۇل شەھىرىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى، ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەم جېڭجوۋ، نەنچاڭ، چاڭشا، چىڭداۋ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى قويۇشقا قاتناشتى. 2012-يىلىدىن باشلاپ خېنەن ئۆلكىسى قومۇل شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشلىدى. ھەر قېتىملىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە چولپان يۇنۇس خېنەنلىك يۇرتىغا قايتالمىغان قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا چاڭچىلىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ 2012-يىللىق نورۇز سەنئەت كېچىلىكىدە ئېيتقان «قاتار چاي» دېگەن ناخشىسى بىلەن شىنجاڭدا خېلى زور تەسىر قوزغىدى. 2015-يىلى، چولپان يۇنۇس مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەربىيەلەش ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا بېرىپ، داڭلىق ناخشا-مۇزىكا مائارىپشۇناسى، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى ناخشا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پىروفېسسور ۋاڭ شىكۈينى ئۇستاز تۇتتى. پىروفېسسور ۋاڭ شىكۈينىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، مۇزىكىنى ئىپادىلەش، ئۇسلۇبنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېز ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى قويۇق دۆلەت ئىلمى ئاساسى ۋە سەنئەت كەيپىياتى بىلەن ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مۇزىكا يولىدا ئۇچقاندەك ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىدى. چولپان يۇنۇس كىچىك ۋاقىتلىرىدا چاڭچىلىگە بەك قىزىقاتتى. تېلېۋىزوردا قانال يۆتكىگەندە چاڭچىلە چىقسا، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، گىرىملىرىغا ھەۋەسلىنىپ، چۈشەنمىسىمۇ ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى ئۇنىڭ بالىلىقتىكى قىزىقىشىنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئاساس سالدى. ئۇ مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كىلاسسىك نەزمە-ناخشىلىرى، دىراما- ئەلنەغمىلىرى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئوپېرالىرى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئۇ ئۆگەنگەن بۇ بىلىملەر «پارلاق يول» سەھنىسىدە ئۆزىنى قالتىس نامايان قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. «پارلاق يول» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان مەزگىلدە، چولپان يەنە مېھرىبان ئۇستازى ۋاڭ شىكۈي، بېيجىڭ جىڭجۈ تىياتىرخانىسى ياشلار ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى جياڭ يىشەن، بېيجىڭ جىڭجۈ تىياتىرخانىسى 2-ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ياڭ شياۋپېڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولدى.

  چولپان يېقىندا بېيجىڭغا بېرىپ، بۇ يىلقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جىڭجۈ قانىلىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ كەلدى.

  چولپان يۇنۇس شىنجاڭدىن چىقىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلۇقىنى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ بۇ نەتىجىلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىگە مۇزىكا ۋە دىراما-ئەلنەغمە ئۆگەتكەنلىكىدىن، دەپ قاراپ ئۇلاردىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى. چولپان يۇنۇسنى سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۆمەكنىڭ رەسمىي ئارتىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلسىمۇ، ئۇ مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن ئىھتىياجلىقلىقىنى، ئۆگەنگەنلىرىنى شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ غۇنچىلارغا يەتكۈزۈپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇزۇش ئۈچۈن يەنىلا يېزا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللاپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئويۇن قويۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىش قارارىغا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…