خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاقلىقلارنى ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقى 2019-يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. بۇ، يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن ھەمدە جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، چاۋشيەننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقىدىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى