باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو يېزا مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق تەرەققىياتىدىن دوكلات»: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2019.01.14 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو يېزا مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى 13- يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو يېزا مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق تەرەققىياتىدىن دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو يېزا مائارىپىنىڭ «يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتى» دېگەن بۇ دوكلاتتا، جۇڭگونىڭ يېزا مائارىپى تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتى ئېلىمىزدىكى 19 ئۆلكىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلانغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2017- يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار 10 مىڭ نەچچە يېزا مەكتىپىگە تارقىتىلغان، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان. 2017- يىلى مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %95.26غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ نىسبەت يېزىلاردا %93.80غا يەتكەن؛ مەملىكەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %84.63گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردا بۇ نىسبەت %81.10گە يەتكەن، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ پەرقى 2016- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر كىچىكلىگەن.

  يېزىلارغا ئوقۇتقۇچىلارنى "تەكلىپ قىلىش تەس، قالدۇرۇش تەس" بولۇشتەك ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى (2015 − 2020)» دېگەن پىلاندا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر-يېزا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنۋان (ۋەزىپە) ناھالاشتا، ئۇنى يېزا مەكتەپلىرىگە مايىللاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2017- يىلى، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئىشى مەركەزلىك ھالدا تۇتاش كەتكەن جايلاردىكى ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە ناھىيەلەردە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 220 يۈەنگە يەتتى.

  تەكشۈرۈشتە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى (2015 − 2020)» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قوللاش پىلانىغا رازى بولۇش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %84.85غا يەتكەن. يېزا مەكتەپلىرىدە قېلىپ داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى %83.46غا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر