باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2019.01.08 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 6- يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مونداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى قوغداش»نى ياخشى ئىشلەپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئەل رايىنى مايىل قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئوبرازنى نامايان قىلىشتىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ھەققانىيلىقنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى شەرھىلىدى، بولۇپمۇ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئورۇن رولى، يۆنىلىش نىشانى، بۇرچ ۋەزىپىسى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ئاساسىي تەلەپلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى بولسا، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھەرىكەت پروگراممىسى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ۋە چۇڭقۇر ئەمىللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللىق تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى، قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىق»نى چىڭ تۇتۇپ، تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر