- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سۈن بونى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى
2019.01.08 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 7-يانۋاردىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى سۈن بونىڭ پارا ئېلىش، دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. پارا ئېلىش جىنايىتى، دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، يېقىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سۈن بونى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش قارارىنى چىقارغان. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنماقتا ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر