باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارتېر گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشتا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار، دېدى

2019.01.02 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جىم كارتېر 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا نىسبەتەن ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قەتئىي ئېتىقادى بار.

  كارتېر «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىق تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشىمىغان تارىخىي مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى بار.

  كارتېر مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنى دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى تېزلەتكۈچىگە ئايلاندۇردى.

  كارتېر يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسى، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش، كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ ئافرىقا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرالايدۇ.

  كارتېر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى يېڭىچە قاراش، جاسارەت ۋە ئەقىل– پاراسەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كارتېر 1977-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ 39-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو-ئامېرىكا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر