باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلارنى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.01.04 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلارنى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايوننىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان «تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرسىىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىنى مۇقىم ساقلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشقا، ئىچكى بازارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىچكى تەلەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىچكى بازاردا سېتىشىنى قولايلاشتۇرۇش. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونىدا كۆپەيمە قىممەت بېجىنى ئادەتتىكى تاپشۇرىغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت سىنىقى كېڭەيتىلىدۇ. رايون ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ئىچى، رايون سىرتىدا پىششىقلاپ ئىشلەش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. باجدىن خالىي رايون ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان يانفون، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ئىچكى قىسىمدا سېتىلىدىغان نەرسىلەرگە ئىمپورت ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. چېگرىدىن كىرىشى چەكلەنگەنلىرىدىن باشقا، باجدىن خالىي رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا كېرەكلىك ئىمپورت ماللىرى، بۇيۇملىرىغا ئىجازەتنامە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. رايون ئىچىدىكى يېڭىدىن تەسس قىلىنغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ئەڭ يۇقىرى ئىناۋەت دەرىجىسى بىۋاستە بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئەشيا ئوبوروتىنى قولايلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت داۋامىدا شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن بۇيۇملارنى باجدىن خالى رايونغا ئەكىرىسە، باجدىن خالىي ماللارنى بىۋاسىتە ئوبوروت قىلسا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، باجدىن خالى رايون ئىچىدە كارخانىلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت، مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن باجدىن خالى تەكشۈرۈش، يەر شارىدا رېمونت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونىغا چېگرا ھالقىغان ئىلېكترونلۇق سودىدا پارچە سېتىش ئىمپورت سىياسىتى تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىدۇ. بەشىنچى، ئەركىن سودا رايونىنىڭ سىناق تەجرىبىلىرىنى ئالدى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

  يىغىندا بازار سۇبيېكتلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ «تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش»تىن ئىبارەت تىجارەت مۇھىتىدىكى بۇ قىيىن مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىچكى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇنۇلار قارار قىلىندى. بىرىنچى، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. كارخانىلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش جەھەتتە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئەنگە ئېلىش، قەرز ئىگىسىنى گېزىتتە ئېلان قىلىش قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىدا ھەقسىز ئېلان قىلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ماتېرىياللىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ؛ پېيى بازارغا سېلىنمىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى ئاسان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئېلان قىلىش ۋاقتى 45 كۈندىن 20 كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنچى، باج ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سودا ئىشلىرى، تاموژنا قاتارلىقلارنىڭ تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. باج ئىشلىرى جەھەتتە تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىپ باقمىغان ياكى تالون ئالمىغان، باجغا قەرز بولمىغانلار قاتارلىق باج تاپشۇرغۇچىلار باج ھېساۋاتى قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرمەي ئاددىي تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قەرز بولمىغان كارخانىلار ماس قەدەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈشنى بېجىرسە بولىدۇ. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش. ئىشەنچتىن قالغان بازار سۇبيېكىتلىرىنى قانۇن بويىچە بىرلىشىپ جازالاپ، قەرزدىن قەستەن قېچىش، قەرزنى قەستەن بېكار قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇ ئسىلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، كارخانىلارنى تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ، ئاددىي تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقىرايدۇ. يىغىندا باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر