باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى--

مىللىي گۈللىنىش بولسا، بۇ بىر چوڭ ۋەزىيەتتۇر، بۇنىڭدا جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشلىرى كېرەك

2019.01.04 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  "كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر، چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى جۇڭگولۇق بولۇش كېرەك."، "تەيۋەن مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئاجىز ۋە مالىمانچىلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان، ئۇ چوقۇم مىللىي گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ئاياغلىشىدۇ."، "تۇغقانلار ئارا يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈن بولمايدۇ."، "بىز تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېلىپ ئارزۇ قوغلىشىش، ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئارزۇسىغا يېتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز."...باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلىرى مۇنۇرلارنى بىلدۈرۈشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى يېڭى دەۋردە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار، ھەمدە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى چوقۇم مىللىي بۇرچنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرۈشلىرى كېرەك.

  تەيۋەن «كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جى شىن خانىم «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى تەيبېيدا تور ئارقىلىق كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ تارىخ قاراش ۋە دەۋر تۇيغۇسىغا تولغانلىقىنى ماختىدى. جى شىننىڭ دېيىشىچە، ئۇ سۆزدىكى «ئىككى خىل تۈزۈم»لۈك تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى مەزمۇن ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، دەل شۇ سۆزلەر «ئىككى خىل تۈزۈم»لۈك تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇھىملارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىمى ئىكەنلىك ئىدىيەسىگە دەل ماس كېلىدۇ.

  جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ سابىق رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ مۇنداق دېدى: "باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدىكى سۆزلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى. جۇڭگو ئارزۇسىدا تەيۋەن كەم بولماسلىقى كېرەك، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىۋاتقان بۇ تارىخىي جەرياندا، بىز كەم بولۇپ قالساق بولمايدۇ. خوڭ شيۇجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "تەيۋەن مۇستەقىللىقى"نى ھەرگىزمۇ ئويلاشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئىككى قىرغاق بىرلىككە كەلمىسە، تەيۋەننىڭ كەلگۈسى يوق گەپ. يەنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، "تەيۋەن مۇستەقىللىقى" ئىدىيەسى بولسا، تارىخىي ئېقىمغا قارشى بولغان بىر تۇيۇق يولدۇر. ئەگەر بەزىلەر بۇنى تاشقى كۈچلەرگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىسا، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي بىر تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويغانلىق بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر