باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە تارماق ئۈچ يىللىق مىليون ياشلارنىڭ پىراكتىكا پىلانىنى يولغا قويدى

2019.01.08 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-چېسلا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا «ئۈچ يىللىق مىليون ياشلارنىڭ پىراكتىكا پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈچ يىلدا 1 مىليون ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىنى تەشكىلللەپ يولغا قويۇپ، ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىدە چېنىقىشنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى پىراكتىكا پىلانى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئوبيېكتى بولسا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ۋە 16 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە، شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ياش پەرزەنتلىرى ۋە شۇنىڭدەك خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل ياشلارنى ئاۋۋال پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پىراكتىكا پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پىراكتىكا قىلدۇرۇش سىياسەت-تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكا بازىسى قىلىپ بېكىتىپ، پىراكتىكا مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پىراكتىكا قىلىش ئارزۇسى بار ئىشسىز ياشلارنى پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن تىرىشىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلار ئەۋزەل كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ياشلار پىراكتىكا ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردەك ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكا ئورۇنلىرىنى بېكىتىپ، زور كۈچ بىلەن پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىدۇ. پىراكتىكانت ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىككى تەرەپكە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ياردەم قىلىپ، پىراكتىكا قىلغۇچىنى پىراكتىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەپ، پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىغا تايىنىپ پىراكتىكا مۇلازىمىتىنىڭ توردىكى يېشىل يولىنى كېڭەيتىپ، پىراكتىكىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. پىراكتىكىغا پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پىراكتىكا قىلدۇرغان ئورۇنلار بىلەن پىراكتىكانت خادىملارنىڭ پىراكتىكا قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پىراكتىكانت خادىملارغا پىراكتىكا قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىپ، پىراكتىكانت خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، پىراكتىكا پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىز قوغلاپ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدىكى پىراكتىكا تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىراكتىكا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلارنى پىراكتىكا مۇددىتى توشقان پىراكتىكانت خادىملارنى ئېلىپ قېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنمىغان پىراكتىكا ۋاقتى توشقان خادىملارنى داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر