باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ 1−PD كىلىنىكىلىق تەتقىقاتى «لەنسېت» ژۇرنىلىنىڭ تارماق ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىقتى

سىنتىلىماب ئۆسمە بىمارلىرىنى يېڭىلىق يارىتىلغان ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەپ، بىمارلارنىڭ دورا ئۆتۈشچانلىقىنى ئۆستۈردى

2019.01.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك 1−PD راكقا قارشى دورىسى سىنتىلىماب توغرىسىدىكى كىلىنىكا تەتقىقاتى نەتىجىسى مۇقاۋىدىكى ماقالە شەكلىدە 2019-يىللىق 1-سان «لەنسېت . قان ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ستېفېن ئانسېلنىڭ قارىشىچە، سىنتىلىماب ئۆسمە بىمارلىرىنى يېڭىلىق يارىتىلغان ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بىمارلارنىڭ دورا ئۆتۈشچانلىقىنى ئۆستۈرىدىكەن.

  «لەنسېت» دۇنياۋى دەرىجىلىك تېببىي ژۇرنال، ئۇنىڭ تارماق ژۇرنىلى «قان ئىلمى» ئايلىق ژۇرنال بولۇپ، جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىسى بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋا ماقالىسىدە ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.

  بۇ ماقالىنىڭ خەۋەرلىشىش ئاپتورى ۋە بىرىنچى ئاپتورى دۆلەت راك كېسەللىكى مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى شى يۈەنكەي بولۇپ، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 1−PD تورمۇزلىغۇچى دورا – سىنتىلىماب (ئادەتتە «دابوشۇ» دېيىلىدۇ)نىڭ كىلىنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىنتىلىمابنىڭ قايتا قوزغىلىدىغان داۋالاش تەس بولغان خودكىن لىمفا ئۆسمىسىنى داۋالاشتىكى ئوبيېكتىپ يېنىكلىتىش نىسبىتى %80.4كە يەتكەن بولۇپ، ئەكس تەسىرى كىچىك ئىكەن؛ ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى ئوخشاش تۈردىكى ئىمپورت قىلىنغان دورىلاردىن قېلىشمايدىكەن.

  سىنتىلىماب 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 24--كۈنى دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ بازارغا سېلىش تەستىقىغا رەسمىي ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر