باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش رەسمىي باشلاندى

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2019.01.07 11:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش رەسمىي باشلانغان تۇنجى كۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىزىملاش نەق مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە قانات يايدۇرۇلغان مۇھىم، زور دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش داۋامىدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھېسابلىنىدۇ. 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچى، رايون ئەھۋالى، رايون كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇللۇق خىزمەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شۆھرەت زاكىر ئالدى بىلەن شىنجاڭ يەر ئېچىش - رەتلەش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ، خىزمەت قىلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن يېڭى يىللىق ھال سورىدى ھەم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شۆھرەت زاكىر ھەربىر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى نەق مەيداندا تىزىملاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەربىر ۋاراق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى يۇقىرى سۈپەتتە تولدۇرۇپ، ھەربىر ئۇچۇرنى توغرا يىغىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مەنبە سانلىق مەلۇماتىنىڭ چىن، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگو تەيپىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: سانلىق مەلۇمات ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ جان تومۇرى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم، ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە كەڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى مۇستەقىل تەكشۈرۈش، مۇستەقىل دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئارىلىشىدىغان ھەر خىل قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، كارخانا، يەككە تىجارەتچى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ساننى دوكلات قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ قايتىلانماسلىقى، چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، مەنبە سانلىق مەلۇماتىنىڭ چىن، توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ سەيۋېن بازار تەكشۈرۈش- مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ شىركەتنىڭ بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سانلىق مەلۇماتى يىغىدىغان پۇقراۋى كارخانا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇقراۋى كارخانىلار باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۆھپىكارلار، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغۇچىلار، ئۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە 2- كەسىپ ۋە 3- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسپىي پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەردۇر. ئومۇملۇق ئېڭى، ئومۇمىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سانلىق مەلۇمات سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىستاتىستىكىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 24 مىڭدىن ئارتۇق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىمى كىنىشكا ئېسىپ، ئېلېكتىرونلۇق كۆچمە تېرمىنال قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن، 290 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك قانۇنىي ئىگە ئورۇن ۋە كەسپىي پائالىيەت ئورنى، 130 مىڭغا يېقىن يەككە ئەۋرىشكە ئائىلىگە كىرىپ تىزىملايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر