باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.01.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلدى)نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2017-يىلى 1-ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى تۈزۈپ چىقىپ، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قارىتا يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «قائىدە» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغان بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سادىق، مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتچان، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، پاك-دىيانەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر