باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2019.01.07 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى 29- دېكابىر خەۋىرى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29- دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەمدىلا يېپىلغان 7- قېتىملىق يىغىنىدا، خۇ شاۋلى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىلىققا، ۋۇ زېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىققا تەيىنلەندى. ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىگە ئاساسەن، يۇقارقى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشى قارار قىلىندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، شېن يۆيۆ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. خۇ شاۋلى قولىنى ئاساسىي قانۇن كىتابى ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇپ قەسەم سۆزلىرىنى ئوقۇدى، ۋۇ زېڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەسەم سۆزلىرىنى ئوقۇدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىمۇ قەسەم بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر