باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.01.04 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تارىخ تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخ-بىر ئەينەك، قەدىمكىنى ئۆگىنىپ، بۈگۈنگە ئەينەك قىلىدىغان، تارىختىكى دانىشمەنلەردىن ئۆگىنىدىغان پەن. تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش، تارىخنى تەتقىق قىلىش، تارىخنى ئەينەك قىلىش-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بىر ئېسىل ئەنئەنىسى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو-تارىختىكى جۇڭگونىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش-جۇڭگو تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تارىخقا بولغان چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئەقىل-پاراسەت قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ تەتقىقاتى-بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسى. ئۇزۇندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. مەن ئېلىمىزدىكى بارلىق تارىخ تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەتقىقات كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار تارىخ پەنلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئېچىپ بېرىپ، تارىخنىڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە تارىخشۇناسلىق پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق تارىخ تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە جۇغلاپ، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، نۇقتىئينەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قارىتىپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى ئىدىيەنىڭ ساداسىنى چىقىرىپ، ئىدىيەگە باي ھەم چوڭقۇر بولغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن غەرب تارىخىغا پىششىق بىر تۈركۈم تارىخشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ، قەدىمكىنى ئۆگىنىپ، بۈگۈنگە ئەينەك قىلىش، ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگو تارىخ تەتقىقاتى سۆھبەت يىغىنى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنى ياخشى قۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ،تارىخ تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش لازىم.

  جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق ئالاقىدار تەتقىقاتخانىلار ئاساسىدا قۇرۇلدى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاستىدا جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى بۆلىمى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتخانىسى، قەدىمكى زامان تارىخ تەتقىقاتخانىسى، يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتخانىسى، دۇنيا تارىخى تەتقىقاتخانىسى، جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقاتخانىسى، تارىخ نەزەرىيە تەتقىقاتخانىسى تەسىس قىلىندى؛ بۇ ئورۇن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، بايلىق ۋە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تارىخ تەتقىقات پىلانىنى تۈزۈش، دۆلەتنىڭ زور تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، جۇڭگو تارىخىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر