باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تەيۋەنلىك، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2019.01.04 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى-تەيۋەنلىك، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەڭ كۈرەش قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولىمىز دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك ھەم چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، بۇ 70 يىللىق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىيات مۇساپىسىدا چىقىرىلغان تارىخىي ھۆكۈم شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى دېدى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بۇنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا كەلدى. تەيبېي داشۆسى سىياسىي، ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ يۇپىڭ مۇنداق دېدى: سۆزدە، قويۇق مىللىي قېرىنداشلىق ھېسسىياتى شۇنداقلا يەنە ناھايىتى ئەمەلىي يۆنىلىشلىك پىلانمۇ بار. بولۇپمۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تىلغا ئېلىنىپ، تەيۋەننىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ھۆرمەتلەش قايتا تەكىتلەندى، بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، بۇ-تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئىلھام ئاتا قىلىپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلغانغا باراۋەر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇدرەتلىك ۋەتەن تايانچ بولسا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشى، بەخت-سائادىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، تەرەققىيات بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، خەلقئارادىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئىشەنچىسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى. شياڭگاڭلىق قېرىنداش، شيامېن شياشاڭ تۈرلۈك ماللار گۇرۇھىنىڭ داڭلىق ماركا باش نازارەتچىسى لو شياۋجېن مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»-ۋەتەن بىزگە ئاتا قىلغان تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە مەدەت بولۇپ، بىزنىڭ بۇ رايونىمىزنى بارغانسېرى ياخشى قىلىدۇ. تەرەققىيات ئۈستىدە كۈرەش قىلىشتا بىز ئەمدى يەككە-يېگانە ئەمەس، قۇدرەتلىك ئانا ۋەتىنىمىز بىزگە يۆلەنچۈك بولماقتا.

  كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: قول تۇتۇشۇپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئىككى تۈزۈم»نىڭ تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىنچ بىرلىككە كېلىش ئەمەلىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش قاتارلىق بەش تەشەببۇس-ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. تەيۋەنلىك ئالىم، ئاۋمېن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى شاۋ زۇڭخەي مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، بۇ-ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسىدىكى تىنچ بىرلىككە كېلىش لايىھەسىنى بەرپا قىلىشقا ناھايىتى مۇھىم پىرىنسىپ ۋە ئاساس ھازىرلاپ بەردى، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن تولۇپ تاشقان ئۈمىدگە ئىگە بولدۇم.

  تەيۋەنلىك، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشىمىز دېدى. شيامېن تەيۋەنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جيايىڭ مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم ئۆز تۆھپەمنى قوشۇپ، شيامېندىكى بارلىق تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۇل ۋە كۈچ چىقىرىپ، ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشىغا پۈتۈن زېھنىمىزنى بېغىشلايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر