باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھەر ئاھالىلىرى بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاپ ئۆلۈم يېتىم ئېغىر بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

2019.01.04 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ Magnitogorsk ماگنىتوگورسكى شەھەر ئاھالىلىرى بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاپ ئۆلۈم يېتىم ئېغىر بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭىزنىڭ ماگنىتوگورسكى شەھەر ئاھالىلىرى بىناسىدا كۆمۈر گازى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۆلۈم يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ئېغىر بولغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم شەخسەن ئۆز نامىم بىلەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن؛ يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ھازىر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. مەن سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئىشىنىمەن.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  2018-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە ماگنىتوگورسكى شەھەر ئاھالىلىرى بىناسىدا تەبئىي گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ 10 قەۋەتلىك ئاھالىلەر بىناسى 1973 - يىلى سېلىنغان، پارتلاش ۋەقەسىدە بۇ بىنانىڭ بىر بۆلىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغان. رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى جىنايى ئىشلار جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 21 گە يەتتى دېدى. بۇ مىنىستىرلىق تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن خارابىلىكتىن 27 كىشىنى تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 كىشى قازا قىلغان، ئالتە كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئۇندىن باشقا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنە يوقاپ كەتكەن 20 كىشىنى ئاختۇرۋېۋىتىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر