باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2019.01.03 08:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى، سەھىيە نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش خىزمىتى، پورت تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنى ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەمىنلىنىدىغان ئىككىلەمچى سۇنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى بېكىتتى، بۇ، شەھەر- بازارلارنى ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك يىرىك پىلان لايىھەسى، ئوتتۇرا مەزگىللىك قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئاخىرقى مەزگىلدىكى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش ۋە بىخەتەر باشقۇرۇش ئومۇمىي جەريانىنى قاپلىغان بولۇپ، شەھەر-بازارلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى، تازىلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بايلىق تېجەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش يۇقىرى ئۈنۈملۈك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى سەھىيە نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەۋەلىك رايونىدىكى ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەش سەھىيە نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى تۇرالغۇ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى شەھەر-بازارلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرغۇچى تارماقلارنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىككىلەمچى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەھىيە-ساغلاملىق، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پورت تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا پورت تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان پورت تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىشتۈرۈش، ئېچىۋېتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى تەشكىللەش مەركىزى، ئېچىۋېتىلگەن زامانىۋى كەسىپلەر توپى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تەرەققىيات يېڭى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، كەلگۈسى رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى ئىگىلەشتىكى ھالقىلىق ساھە، كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرىدە، سەككىز ساھەنىڭ تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنىڭ يېتەرلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، بىيو كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكا كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنىڭ سىجىل زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئالغا سىلجىتىش، رەقەملىك ئىجادىيەت كەسىپلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر