خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، تايلاند خەلقى بان نام كېم دېڭىز سۇنامى تاشقىنىنىڭ خاتىرە باغچىسىدا 2004- يىلىدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز سۇنامى تاشقىنىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە.
شۇ كۈنى، تايلاند خەلقى ھىندى ئوكىيان دېڭىز سۇنامى تاشقىنى يۈز بەرگەنلىكىگە 14 يىل بولغان پەيتتە، بان نام كېم دېڭىز تاشقىنىنىڭ خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى پەنيا، پۇجى ۋە كرابى قاتارلىق 6 مەھكىمە 2004- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاقىۋەتتە 5395 ئادەم ئۆلگەن، 2817 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 8457 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى