باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: 2019-يىلى ئامما داۋالاش ئىسلاھاتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ

2019.01.04 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئېرىشكەن باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇل مەمۇرىي مۇپەتتىشى ياۋ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات بىلەن ياخشىلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى قىسمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئىسلاھاتى ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  ياۋ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىشتە بىرىنچىدىن دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك! 2018-يىلدىن بۇيان بۇنىڭ سالمىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى، گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئالاقىدار تارماقلارمۇ ماس كۈچ چىقىرىپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، 4+7 شەھەر (تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە يەتتە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر)نىڭ دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككىنچىدىن ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، ئامما تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ.

  ياۋ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئامما كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىدىغان ئاساسلىق سورۇن، «بوشلۇق يارىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» يولى بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش كېرەك. باھانى تەڭشەشتە «ئومۇمىي مىقدارنى ئۆزگەرتمەي، قۇرۇلمىنى تەڭشەش»نى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشەش ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلاش كېرەك؛ ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش باھانى تەڭشەش بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش، كادىرلار ئىش ھەققى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككىگە يول قويۇش»(داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش تەڭشەش-تىزگىنلەش سەۋىيىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا يول قويۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى كىرىمىدىن تەننەرخنى تۇتۇپ قېلىش ۋە بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك فوندىلارنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ئاساسلىقى خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشكە يول قويۇش)نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يېڭى دەۋر بىزگە يېڭى تەلەپ قويىدۇ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۈچنى «ئۆزگەرتىش»، ئۈچنى «ئۆستۈرۈش» ۋە «ئىنسانىيلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە، كۆلەمنى كېڭەيتىش تىپىدىن سۈپەت، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تىپىگە ئۆزگىرەپ، كۆلەم سۈپىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ يىرىك باشقۇرۇشتىن ئىنچىكە باشقۇرۇشقا ئۆزگىرەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشتىن تەقسىماتنى كېڭەيتىشكە ئۆزگىرەپ، تەمىناتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەۋىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەندىزىنى گۇرۇھلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر