باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كۇبا ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ كۇبا رەھبەرلىرىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.01.02 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ بىرىنچى شۇجى رائۇلغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى بۇرادەر بولۇپ قالدۇق. مەن جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنى خالايمەن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا ئىنقىلابى غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائول كاستىرو، كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىياس كارنېلغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ بىرىنچى شۇجى رائۇلغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سوتىسيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئاپىرىن ئوقۇيدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدۇق. مەن جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەشنى خالايمەن.

  رەئىس شى جىنپىڭ دىياس كارنېلغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا كومپارتىيەسى ۋە خەلقى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى يەنىمۇ يېڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، كۇبانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى تەرەققىياتلار ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بىر ئاي بۇرۇن سىز جۇڭگوغا كېلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدۇق. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا سۈرۈشنى خالايمەن.

  لى كېچياڭ رەئىس دىياس كارنېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى1-ئاينىڭ 1-كۈنى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ رەئىس دىياس كارنېلغا تېلېگرامما ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى كۈندە، كۇبانىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى بارغانسېرى راۋاجلانماقتا، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالغۇسى. جۇڭگو-كۇبا بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو-كۇبا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر