باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلار قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 13-يىلىدا، تۇنجى تۈزىتىلدى

مەمۇرلارنى باشقۇرۇش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى

2019.01.03 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھە)» ماقۇللاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزا قويغان 20-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئېلان قىلىندى. مەمۇرلار قانۇنىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈزىتىلىشى ئېلىمىزدە مەمۇرلارنى باشقۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقى، بۇنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تىرىشچان-ئەمەلىيەتچىل، مەسئولىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، پاك-دىيانەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ مەمۇرلار قوشۇنىغا بولغان مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش لازىم. «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە مەكتەپلەرگە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. دېمەك، پارتىيەنىڭ مەمۇرلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپى قاتارلىق تەلەپلەرنى مەمۇرلار قانۇنىدىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەردە يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك.» مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەمۇرلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولسا، شۇنداقلا مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  2018-يىلى 8-ئايدا، مەمۇرلار قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى) 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، مەمۇرلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  بۇ قېتىمقى مەمۇرلار قانۇنىنى رەتلەش، تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تولۇق تېكىستنىڭ 70 نەچچە يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. «تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن بىر پىرىنسىپ ئاساس قىلىندى: يەنى، ئۆزگەرتىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلەر بولۇش، ئۆزگەرتسىمۇ بولىدىغان، ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، قانۇننىڭ مۇقىملىقىنى ئەڭ زور چەكتە ساقلاش»، __ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  2017-يىلى 6-ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، بىر قىسىم رايونلار ۋە بېيجىڭدىكى بىر قىسىم مەركەز ئورگانلىرىدا مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دەرىجىسىنى يانداشتۇرۇش تۈزۈم ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىندى. بىر يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن كېيىن، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغان رېئال شارائىت ھازىرلاندى.

  يېڭىدىن تۈزىتىلگەن مەمۇرلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، بۇرۇنقى «بىر رەھبەرلىك ۋەزىپە»سى دېگەن سۆز تارىخقا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىغىنى «ۋەزىپە» بىلەن «دەرىجە» پاراللېل مەشغۇلات ئەندىزىسى بولۇپ، غەيرىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ۋەزىپە دەرىجىسىگە ئۆزگىرىپ، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى مەمۇرلارنىڭ دەرىجە قاتارى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولغان تەرتىپى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ: 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى، 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى، 1-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، 2-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، 3-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، 1-دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، 2-دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، 3-دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، 4-دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، 2-دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى. ئىسلاھات نەتىجىلىرى قانۇن تەرىپىدىن مۇستەھكەملىنىدۇ.

  باھالاش كۆرسەتكۈچى تومتاق بولۇش، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، «ھەممىگە بىر گەز ئىشلىتىش» ئىلگىرى مەمۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى توسالغۇ ئىدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىدا باھالاش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ھادىسە ئاستا-ئاستا ھەل قىلىنىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىدا يەنە مۇنداق بەلگىلەندى: خىزمەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، كۆرۈنەرلىك نەتىجە ۋە تۆھپە ياراتقان ياكى باشقا گەۋدىلىك ئىش-ئىزى بولغان مەمۇرلار ياكى مەمۇرلار كوللىكتىپى مۇكاپاتلىنىدۇ.

  قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنى كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەڭشەپ ۋە تولۇقلاپ، ھازىرقى مەمۇرلار قانۇنىنىڭ 9-بابىدىكى «جازالاش» دېگەن سۆز «نازارەت قىلىش ۋە جازالاش»قا ئۆزگەرتىلىپ، مەمۇرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بەلگىلىمىلەر قوشۇلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنىدا مەمۇرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى چۆرىدەپ، مەمۇرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر