باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرتنامە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.01.03 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرتنامە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن تورغا چىقىرىلىپ، ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاۋال 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە يېرىم يىل سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئارقىدىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 2-يانۋار قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شەرتنامە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شەرتنامە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «خەلق ئۈچۈن دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. جامائەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن شەرتنامە مەزمۇنىنى چۈشۈرسە، شەرتنامە ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ ھەمدە تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ تور ئادرېسى http://treaty.mfa.gov.cn؛ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 86-10-65228572؛ مەسلىھەت بېرىش ئېلخەت ساندۇقى treaty@mfa.gov.cn. لۇ كاڭ: «كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىنى ھەمدە بىزگە قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر