باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

2019.01.02 14:23   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

  يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  بىز 2018-يىلىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەدەمنى ناھايىتى پۇختا ئالدۇق. مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرى قان-تەرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان.

  بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى. بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.

  خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى. باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدە، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، قانچىلىك بوران-چاپقۇن، جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن مىسلىسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك.

  2019-يىلى، پۇرسەتمۇ، خىرىسمۇ تەڭ مەۋجۇت، كۆپچىلىك يەنىلا بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر! «يىللار تۇرمايدۇ بىر ئىزدا ساقلاپ، ۋاقىت ئۆتىدۇ تىنماي يورغىلاپ». 2019-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

  بىز 2018-يىلىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەدەمنى ناھايىتى پۇختا ئالدۇق. بۇ بىر يىلدا، بىز تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىدۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويدۇق. مەن ھەرقايسى جايلاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى، جيەنسەنجياڭدىكى 10 مىڭ مولۇق چوڭ ئېتىزلىقتىكى شاللىقنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، شېنجېن چيەنخەينىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، شاڭخەي جاڭجياڭنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم... بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشچىلىرى قان-تەرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان.

  بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئورتاق كۈچەپ، جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى داۋاملىق ئۆزگەرتتى. چاڭئې 4-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، 2-ئاۋىياماتكا دېڭىزغا چىقىپ قاتناش سىنىقى قىلدى، دۆلىتىمىز ياسىغان سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ قونالايدىغان چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سۇدىن تۇنجى قېتىم ئۇچتى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسىنى پۈتۈن يەر شارىدا تورلاشتۇرۇشقا قاراپ مەزمۇت قەدەم تاشلاندى. مەن بۇ يەردە، ھەربىر ئالىم، ھەربىر ئىنژېنېر، ھەربىر چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى، ھەربىر قۇرۇلۇشچى ۋە قاتناشقۇچىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

  بۇ بىر يىلدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن نۇرغۇن خۇش خەۋەر كەلدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەنە 125 نامرات ناھىيە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يېزىلاردىكى 10 مىليون نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. راكقا قارشى 17 خىل دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسى يەنىمۇ ھەل قىلىنماقتا. مەن ھەر دائىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلارنى ئويلاپ كەلدىم، كەنتتە تۇرۇشلۇق 2 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، 1-شۇجى خىزمەتلەرگە بەك كىرىشىپ، بەك كۈچ چىقاردىڭلار، چوقۇم سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار.

  مەن باشتىن-ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ كەلدىم. سىچۈەن لياڭشەننىڭ سەنخې كەنتىدە، مەن يىزۇ كەنت ئاھالىسى جىخاۋ يېچيۇ، جيېليې ئېئامۇ ئىككى ئائىلىدىكىلەرنى يوقلىدىم. شەندۇڭ جىنەندىكى سەنجيەنشى كەنتىدە، مەن جاۋ شۈنلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتىم. لياۋنىڭ فۇشۈندىكى دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىدە، مەن چېن يۈفاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم. گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەندىكى ليەنجاڭ كەنتىدە، مەن نامرات ئاھالە لۇ يىخې بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەدبىرى ھەققىدە پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ سەمىمىي، ساددا چىرايى ھازىرغىچە ئېسىمدىن كەتمەيدۇ. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، بارغانسېرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

  بۇ بىر يىلدا، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلدۇق، 100دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويدۇق، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدۇق، خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى باشلىدۇق. دۇنيا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان جۇڭگونىڭ سۈرئەتنى تېزلەتكەنلىكىنى كۆردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان جۇڭگو ئىرادىسىنى كۆردى. بىزنىڭ ئىسلاھات قەدىمىمىز توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىمىز بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.

  مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پېنسىيەگە چىقتى، 2000-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەرگە كىردى. شەھەر نوپۇسىدا بولمىغان 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى شەھەر نوپۇسىغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، 13 مىليون ئادەم شەھەر- بازارلاردىن خىزمەت تاپتى، كەپىلىك مەھەللە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنىشقا باشلىدى، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى ئىللىق ئۆيگە ئېرىشتى. نۇرغۇن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىسى تۇرۇش كىنىشكىسى ئالدى، شياڭگاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا كىردى. بىر ھەرىكەتچان جۇڭگو گۈللىنىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە تولدى. بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر.

  مۇشۇ پەيتتە، مەن بەزى يارقىن ئىسىملارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. بۇ يىل، ئاسماندا «نەن رېندۇڭ» ناملىق يۇلتۇز كۆپەيدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنىڭ سۈرىتى ئىچىدە يولداش لىن جۈندې بىلەن جاڭ چاۋنىڭ سۈرىتى كۆپەيدى. بىز 32 يىل ئارالنى ساقلاپ، ۋەتەننى قوغدىغان يولداش ۋاڭ جىسەي، سىناق سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ باتۇرلارچە قۇربان بولغان يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىن ھەمدە دۆلەت، خەلق ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان باشقا قەھرىمانلارنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، بىزنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

  بۇ بىر يىلدا، يەنە نۇرغۇن يېڭى، كونا دوستلار جۇڭگوغا كەلدى. بىز بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقاتتۇق. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بەش چوڭ قىتئەدە زىيارەتتە بولۇپ، نۇرغۇن مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كەڭ ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دوستلار چەمبىرىكىمىزنى كېڭەيتتۇق.

  2019-يىلى، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. بۇ 70 يىلدا مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يەڭدۇق، 70 يىللىق بوران-چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى. باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدە، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، قانچىلىك بوران-چاپقۇن، جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن مىسلىسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك.

  2019-يىلى، پۇرسەتمۇ، خىرىسمۇ تەڭ مەۋجۇت، كۆپچىلىك يەنىلا بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت-تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان كادىرلارنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈرۈشىمىز، ئۈمىدكە تولدۇرۇشىمىز كېرەك. يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشتا يەنىلا نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. مۇشۇ ۋاقىتتا، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى ھەمدە مىڭلىغان-مىليونلىغان ئەمگەكچى يەنىلا جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، بىز بۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلار، قوغدىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار.

  پۈتۈن يەر شارىغا نەزەر سالساق، بىز 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىشەنچى ھەم ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  يېڭى يىلنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن 2019-يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى.

  جۇڭگوغا بەخت تىلەيمەن! دۇنياغا بەخت تىلەيمەن!

  كۆپچىلىككە رەھمەت!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى