باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019.01.03 08:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە- ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كۈچلۈك ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، ھۇرۇنلۇق قىلماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يىللىق خىزمەتلەرنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، كېلەر يىللىق خىزمەت، ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر