باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋىردىكى تەيۋەن خىزمىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2018.12.28 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شاۋگۇاڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئەل قەلبىگە مايىل، ئەلرايىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  ما شاۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تارىخى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تەيۋەن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن تارىخى ئۆزگىرىشلەر، ئىشقا ئاشۇرۇلغان تارىخى ھالقىشلارغا يۇقىرى باھا بەردى، مەركەزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان فاڭجېن، سىياسىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى زور مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ۋەتەننىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئاساسى، دەپ كۆرسەتتى. بىزنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان ئېنىق پوزتسىيىمىزنى ئىپادىلىدى؛ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش سىياسىي ئىرادىمىز ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىمىزنى نامايەن قىلدى؛ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش سەمىمىيىتىنى تەكىتلەپ، «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تەيۋەنگە قاراتقان سىياسەت ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر