باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى ئىش بېجىرىشنى بارغانسېرى راۋانلاشتۇردى

2019.01.03 08:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭنىڭ «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراماي شەھىرى ھازىرغىچە 1065 تۈرلۈك «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىش بېجىرىش مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، كارخانا ۋە ئامما «كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، ئىش بېجىرەلەيدىغان» بىر يۈرۈش ئىش بېجىرىش قوللانمىسىنى تۈزۈپ، توردا «بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش»، تور سىرتىدا «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، مەركەزلىك مۇلازىمەت قىلىش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى %98 كە يەتكۈزدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي شەھىرى ۋەكىل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى كۆزلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئالغا سىلجىتىشنى ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مەمۇرىي ئىش تۈرلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  «ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى، سانجى شەھىرى، شىخو شەھىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايون قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، باج ئىشلىرى، تاموژنا قاتارلىق تارماقلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لىنىيەسى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈپ، كۆچۈرۈپ كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىنى شەكىللەندۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىجۈن.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايون «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرى ۋە مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى بارغانسېرى قولايلاشتى، ئېرىشىش تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، كىچىك كۆزنەكلەردىكى ئۆزگىرىش ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» باج بېجىرىش ئىش تۈرلىرى 153 تۈرلۈك بولۇپ، بارلىق باج بېجىرىش ئىش تۈرلىرىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ، باج بېجىرىش ھالقىسى %50 تىن ئارتۇق قىسقىراپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بېجىرىش سۈرئىتى %30 تېزلىشىپ، كۈتۈش ۋاقتى كىشى بېشىغا ئون مىنۇت قىسقىراپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1 مىليون 200 مىڭ باج تاپشۇرغۇچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلغان 84 تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ھەممىسىدە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراپ» بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تۈرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېجىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 23 تۈردە توردا ۋە تور سىرتىدا بىردەك بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 59 تۈردە تور سىرتىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراپ» بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، كىملىك يىتىپ كەتسە تولۇقلاپ بېجىرىش، نوپۇس دەپتىرىنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش، ۋاقىتلىق كىملىك ئىسپاتى چىقىرىش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئامانلىق ساقلاش (سەككىز تۈرلۈك)، قاتناش ساقچىسى (13 تۈرلۈك) ئىش بېجىرىش ئىش تۈرى توردا ئىش بېجىرىش زالىدا تورغا چىقىرىلىپ بېجىرىلدى. نۆۋەتتە «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى» يان تېلېفون APP سى توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تور مۇلازىمىتى كۆچمە تېرمىنالغىچە ئۇزارتىلدى.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نىڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى جەمئىي 438 تۈرلۈك «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىش تۈرىنى يولغا قويدى، بۇ، بۇ مەركەزگە كىرىپ ئورۇنلاشقان ئومۇمىي ئىش تۈرىنىڭ %96 ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىش تۈرى 273 تۈرلۈك بولۇپ، مەركەزگە كىرىپ ئورۇنلاشقان ئومۇمىي ئىش تۈرىنىڭ %60 ىنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە،365 كۈن ئارام ئالماي مۇلازىمەت قىلىش، چۈشلۈك مۇلازىمەت ئىش ئورنى، «ئەتىگەنلىك-كەچلىك ئاممىغا قولاي» ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىغا قولاي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلۇپ، تارماق توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇچۇر يەككە ئاراللىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەنئەنىۋى تەرتىپ بۇزۇپ تاشلىنىپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» پۇختا ئىسلاھات نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ياخشى باھاسى، كارخانىلارنىڭ ياخشى تەسىراتى ۋە تەرەققىياتنىڭ ياخشى مۇھىتىنى قولغا كەلتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر