باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ناملىق ئۆگىنىش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ خۇنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە مەزكۇر سۇپىنىڭ تورغا چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.01.02 15:33   مەنبە: خەلق تورى

«ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ناملىق ئۆگىنىش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ناملىق ئۆگىنىش سۇپىسىنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۇپىنىڭ رەسمىي تورغا چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ تورغا چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ناملىق ئۆگىنىش سۇپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۆگىنىش چوڭ دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەدە چوڭ ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقۇسى، يېڭى ۋەزىيەتتە نەزىرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش ۋە ئىدىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك ئىزدىنىش بولۇپ، ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. ئۆگىنىش سۇپىسىنى قۇرۇش ۋە ياخشى ئىشلىتىشتە، ئىدىيەۋىلىكى، خەۋەر خاراكتېرىلىكى، ئۇنىۋېرساللىقى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىكى قاتارلىقلارنى چوقۇم گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. روشەن باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى توغرىسىدىكى، ھەمدە پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە مول بولغان ئۇچۇر ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش كېرەك. مەۋقەنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئىلمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە بايلىقىنى موللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش شەكلى ۋە تەشكىلىي شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇش ۋە ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مەزمۇنى نوپۇزلۇق، ئالاھىدىلىكى روشەن، تېخنىكىسى ئىلغار، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت پولىمېرلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  «ئۆگىنىشتە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ناملىق ئۆگىنىش سۇپىسى pc تېرمىنالى ۋە يانفون ئابونېتلىرى تېرمىنالىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېرمىنالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزكۇر سۇپىدا pc تېرمىنالىدا «ئۆگىنىشنىڭ يېڭى ئىدىيەسى»، «ئۆگىنىش مەدەنىيىتى» ۋە «يەرشارى نەزىرى» قاتارلىق 17 بۆلەك، 180دىن ئارتۇق بىرىنچى دەرىجىلىك سەھىپە بار، يانفون ئابونېت تېرمىنالىدا ئۆگىنىش ۋە ۋىدېيولۇق ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەكتە 38 قانال بار بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ھەقسىز ئوقۇشقا بولىدىغان ژۇرناللار، قەدىمى ئەسەرلەر، ئوچۇق دەرسلەر، ناخشىلار، ناخشا تېكسىتلىرى، كىنو ۋە كىتابلار دېگەندەك ماتېرىياللار توپلانغان. كومپيۇتېر تېرمىنالى ئابونتلىرى www.xuexi.cnغا چىقىپ ياكى ئىزدەش موتورى ئارقىلىق تور ئادرېسىنى ئىزدىسە بولىدۇ، يانفون ئابونتلىرى ھەر قايسى يان تېلېفون ئىشلىتىش ماگىزىنلىرى ئارقىلىق ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى