باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

«تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2018.12.27 16:38   مەنبە: خەلق تورى

«تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىشقا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندىن ئىلگىرى ئالاقىدار تەرەپلەر تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆزلەش ماتېرىيالى تەييارلىدى. يىغىندا ئالدى بىلەن «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى. ئارقىدىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ، تەلەپ بويىچە ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە تونۇش چوڭقۇر، مەسىلىلەر قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سەمىمىي پىكىر بېرىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزىدە مۇنداق ئۈچ مۇھىم نۇقتا ئىگىلەندى ۋە نامايان قىلىندى. بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش. ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى خىرسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش. ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىش، پاك-تەلەپچان بولۇش، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇش، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتچىلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمىتىدە يېڭى قەدەم ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى