باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇخبىر ھىندونېزىيەنىڭ پەندېڭلاڭ ناھىيەسىدىكى دېڭىز تاشقىنى ئاتىپى ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەن رايونىدا زىيارەتتە بولدى

2018.12.28 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيەنىڭ غەربىدىكى سۇندا بوغۇزىدا 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ 400دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىر ئاپەتكە ھەممىدىن ئېغىر ئۇچرىغان پەندېڭلاڭ ناھىيەسىنىڭ تانجۇڭ لېسۇڭ ساھىلىدە گۈلگۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى. يەرلىك كىشىلەر: ئۇ كاراكاتوئا يانار تېغىدىن كەلگەن ئاۋاز دېدى.

  ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاختى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 13گىچە، دېڭىز تاشقىنىدا 429 ئادەم قازا قىلدى. 1485 ئادەم يارىلاندى، 154 ئادەم يوقاپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا 16مىڭ ئادەم تاقاقلاشتۇرۇلدى. ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان پەندېڭلاڭ ناھىيەسىدە 290 ئادەم قازا قىلدى، 1143 ئادەم يارىلاندى، 77 ئادەم يوقاپ كەتتى.

  پەندېڭلاڭ ناھىيەسىدىكى داڭلىق دەم ئېلىش ئورنى كارىتا ساھىلىدە، تانجۇڭ لېسۇڭ ساھىلى ۋە لابۇئانغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىر قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيداننى تازىلاۋاتقانلىقى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاپەتنىڭ پەسىيىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  كارىتا ساھىلىدىكى سىتافىنى ئارامگاھىدا، سۇنغان مېتال تور پارچىسى ۋە تاش پارچىسى، ياغاچلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بەزى ئۆيلەرنىڭ قىشلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇچۇرۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئاستىدىكى مېتال جازىسىلا قالغان ئىدى، نۇرغۇن ماشىنىلار ۋەيران قىلىۋېتىلدى.

  ھىندونېزىيەنىڭ ھازىر يامغۇر پەسلى بولغاچقا، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇدا قار-يامغۇر ياغدى. خىزمەتچىلەر قېزىش ماسىنىشى بىلەن يامغۇرغا قارىماي سىتافىنى ئارامگاھىدىكى خارابىلىكنى تازىلاۋاتاتتى.

  تانجۇڭ لېسۇڭ ساھىلىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. بۇ ھىندونېزىيە ئون «يېڭى بالى ئارىلى» بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆلىمى چوڭ بولغان ئارامگاھ بار ئىدى. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، «17» ناملىق مۇزىكانا ئەترىتى ساھىلدا ئويۇن قويۇۋاتاتتى، دېڭىز تاشقىنى تۇيۇقسىز سەھنە ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلغاچقا، مۇزىكانتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  ساھىلنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېڭىزدىن كەلگەن مارجانلار ۋە سۇ ئوتلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئارامگاھتىمۇ مارجانلارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئارامگاھتىكى بىر ئۆيدە، بىر قارا پىكاپ دولقۇندا بىر ئاق پىكاپنىڭ ئاستىغا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، ھەر ئىككى پىكاپ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئىدى. نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى بۇزۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۆي-جاھازىلىرى ھەممە جايغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. يەردە بىر قەۋەت ھۆل قۇملا قالغان ئىدى. خىزمەتچىلەر نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ تازىلاۋاتاتتى.

  ئارامگاھتىن باشقا، پەندېڭلاڭ ناھىيەسىدىكى ساھىل رايونىدا نۇرغۇن ئۆيلەر دېڭىز تاشقىنىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، بەزى ئاھالىلار خارابىلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ قالدۇق نەرسە-كېرەكلىرىنى ئىزدەۋاتاتتى.

  يۇرت ماكانى ۋەيران بولدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ پاناھلاندى. پەندېڭلاڭ ناھىيەسىدىكى لابۇئاندىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا ئۆزگەرتىپ ياسالغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇخبىرغا: بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيمىزگە قايتىشنى ساقلاۋاتىمىز دېدى.

  80 نەچچە ياشقا كىرگەن ئاتوك پەندېڭلاڭ ناھىيەسى ساھىلىگە يېقىن بىر جايدا تۇراتتى، ھازىر ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدا تۇرماقتا. ئاتوك بۇ دېڭىز تاشقىنىدا چوڭ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ئايالىم ۋە نەۋرىلىرىمنى ئۆيگە قايتۇرمايمەن، ھۆكۈمەت دېڭىز تاشقىنىنىڭ خەتىرى تۈگىدى دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيمىزگە قايتىمىز.

  26 ياشلىق ئالاۋانا بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دائىم دېگۈدەك خىزمەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئاپەت ئەھۋالى ۋە يانار تاغنىڭ ئەھۋالىنىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىدۇ. ھازىر ئۆيۈمىدىكى سۇ تېخى پۈتۈنلەي يانمىدى، ھازىر مېنىڭ سۈت بىلەن زاكىغا بەكمۇ ئېھتىياجىم بار.

  بەزى پىدائىيلار ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تاماق ئېتىپ بەردى، تامغا تاماق تىزىملىكى چاپلانغان، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىمۇ تۈرگە ئايرىپ قويۇلغان بولۇپ، بالىلار تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا يۈگۈرۈپ ئويناۋاتاتتى.

  ھىندونېزىيە ھاۋارايى، كىلىمات ۋە يەرشارى فىزىكىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كارناۋاتى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ قېتىمقى دېڭىز تاشقىنىنىڭ سۇندا بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كاراكاتوئا يانار تېغى پارتلىغانلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇ مۇنداق دېدى: يانار تاغنىڭ پارتلىشى، ناچار ھاۋارايى ھەمدە سۇندا بوغۇزىدىكى دولقۇن يانار تاغنىڭ يەنە سېرىلىپ چۈشۈشىنى ھەمدە دېڭىز تاشقىنىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، خەلق قىرغاقتىن ئاز دېگەندىمۇ 500 مېتىردىن بىر كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر