باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.28 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەل ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەل ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەينەك بولدى دەپ قارىدى.

  گېرمانىيە شىمالىي ۋېستفالېن ئىشتاتىنىڭ ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش، سىفىرلاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئاندىرىياس پىڭكىۋات جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى-دۇنيا سودىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، بۇ-كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، مەن كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دەپ قارىدى.

  پاكىستان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياسىر مەسئۇد ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ئاچقۇچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو جەمئىيىتى مىسلىسىز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى دېدى.

  ئامېرىكا داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، ئاسىيا تەتقىقات كېڭىشىنىڭ رەئىسى جاۋ چۈەنشېڭ تارىخنىڭ تومۇرىدىن قارىغاندا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەل تەرتىپىنى تەڭشىدى، بۇ-جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد مۆجىزىسى يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى دەپ قارىدى. سېربىيە بېلگىراد باراۋەر دۇنيا مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ۋاردىن جوۋانوۋىچ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى. بىر نامرات دۆلەتنىڭ قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ھەقىقەتەن تەس دېدى.

  گېرمانىيە كۆلىن ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى كىرىستىئان رۇت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن، گېرمانىيە بازىرىدا جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئۆزگەردى، گېرمانىيە ئاممىباب شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار شېرىك كارخانا شەكلىدە جۇڭگو بازارلىرىغا كىرىشكە باشلىدى، 2001-يىلى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، خەلقئارادىكى بارغانسېرى كۆپ كارخانىلار جۇڭگوغا كىرىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ خەلقئارالىشىش دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بارغانسېرى كۆپ جۇڭگولۇقلار چەتئەللەرگە چىقىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى دېدى.

  بىرازىلىيە رېئودې-ژانېيرو كاتولىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پائۇل روبېرتنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پىلانى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە سىجىللىققا ئىگە ئىكەن، مەسىلەن: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ قەدەم بىلەن مېڭىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ناھايىتى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى چوڭ نىشانىدا بىر قانچە كىچىك نىشان بار بولۇپ، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەت سىجىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.

  جەنۇبىي ئافرىقا سودا-سانائەت مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سام كىلارسون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگونى ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقنى زور دەرىجىدە ئازايتتى، ئافرىقا قىتئەسى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىدىن ئۆگىنىپ كەلمەكتە دەپ قارىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ فايسال تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەجىد ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىمۇ بولمايتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق شۇنداقلا بۇنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆرنەكلىك رولى ۋە ئۈلگىلىك ئۈنۈمى بار دەپ قارىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر